خۇش كەپسىز

OpenOffice.org 3.2 ReadMe

ئەڭ يېڭى تونۇشتۇرۇش ھۆججىتىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكىنى كۆرۈڭhttp://www.openoffice.org/welcome/readme.html

ھۆرمەتلىك ئىشلەتكۈچى

بۇ ھۆججەت مەزكۇر پروگراممىنىڭ مۇھىم ئۇچۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەشغۇلات قىلىشتىن ئىلگىرى بۇ ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىڭ.

بۇ مەھسۇلاتنى ئېچىشقا مەسئۇل بولغان OpenOffice.org ئىجتىمائىي رايونى ناھايىتى خۇشھاللىق بىلەن سىزنى ئىجتىمائىي رايونىمىزغا قاتنىشىشىڭىزنى تەكلىپ قىلىدۇ. يېڭى ئىشلەتكۈچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن تۆۋەندىكى تور ئادرېسىدىن OpenOffice.org بېكىتىدىكى لازىملىق ئىشلەتكۈچى ئۇچۇرلىرىنى كۆرەلەيسىز.

http://www.openoffice.org/about_us/introduction.html

تۆۋەندىكى ياكى OpenOffice.org قۇرۇلۇش قىسمىنى كۆرەلەيسىز.

OpenOffice.org راستىنلا ھەر قانداق ئىشلەتكۈچىگە ھەقسىزمۇ؟

OpenOffice.org ھەممە ئىشلەتكۈچىگە نىسبەتەن ھەقسىز. سىز OpenOffice.org نىڭ كۆپەيتمە نۇسخىسىغا ئېرىشەلەيسىز، ئۇنى خالىغان كومپيۇتېرغا قاچىلىسىڭىز ھەمدە ئېھتىياجلىق ھەر قانداق ساھە (سودا، ھۆكۈمەت، ئاممىۋى باشقۇرۇش ۋە مائارىپ ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)گە ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. تېخىمۇ تەپسىلىي ئەھۋالنى OpenOffice.org غا قوشۇلغان ئىجازەت كېلىشىم مەزمۇنىدىن كۆرۈپ پايدىلىنىڭ ياكىhttp://www.openoffice.org/license.html

OpenOffice.org نېمە ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشلەتكۈچىگە ھەقسىز؟

ھازىر OpenOffice.org نىڭ كۆپەيتمە نۇسخىسىنى ھەقسىز ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. بۇنى شەخسىي تۆھپىكارلار ۋە ئىجتىمائىي رايوندىكى تەشەببۇس قىلغۇچىلار لايىھىلەپ، ئېچىپ، سىناپ، تەرجىمە قىلىپ، باھالاپ، قوللاپ، كېڭەيتىپ شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ ئۇسۇللار ئارقىلىق ياردەم بېرىپOpenOffice.org نى بۈگۈنكى كۈندىكى - دۇنيادىكى ئەڭ ئاساسلىق مەنبە كودى ئاشكارا ئىشخانا يۇمشاق دېتالىغا ئايلاندۇرغان.ئەگەر سىز ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرمەكچى ھەمدە OpenOffice.org تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلسىڭىز، بۇ قۇرۇلۇشقا ئازراق تۆھپە قوشماقچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى بەتنى زىيارەت قىلىڭ.http://contributing.openoffice.orgتەپسىلىي ئۇچۇرغا ئېرىشىڭ. ھەر كىم تۆھپە قوشالايدۇ.

قاچىلاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

سىستېما تەلىپى:

Linux تارقىتىش نەشرىنىڭ كۆپ خىل تۈرى بار، ھەتتا ئوخشاش بىر يۈرۈشتىمۇ ئوخشىمىغان قاچىلاش تاللانمىسى بار (KDE vs Gnome قاتارلىق). بەزى يۈرۈشلۈكلەر ئۆزىنىڭ يەرلىك OpenOffice.org نەشرىنى قاچىلىغان، بۇ نەشرىلىرى بەلكىم ئىجتىمائى رايوننىڭ OpenOffice.org نەشرى بىلەن ئىقتىدارى ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما ئادەتتىكى نىسبەتەن بىخەتەر بولغان ئۇسۇل ئىجتىمائىي رايون نەشرىنى قاچىلاشتىن ئىلگىرى يەرلىك نەشرىنى ئۆچۈرۈۋېتىشتۇر. قانداق قىلىش توغرىسىدىكى تەپسىلىي ئۇچۇرنى شۇ يۈرۈشلۈكنىڭ پۈتۈكىدىن كۆرۈڭ.

يۇمشاق دېتال ئۆچۈرۈش ياكى قاچىلاشتىن ئىلگىرى سىستېمىنى زاپاسلىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

پروگرامما قوزغالغاندا كاشىلا كۆرۈلدى

ئەگەر OpenOffice.org نى قوزغىتىشتا كاشىلا (ئەڭ گەۋدىلىكى Gnome مۇھىتى ئىشلەتكەندە) كۆرۈلسە، OpenOffice.org قوزغاتقاندا ئىشلىتىدىغان shell دكى SESSION_MANAGER مۇھىت پارامېتىرىنى قايتا بەلگىلەڭ. سىز "[office folder]/program" مۇندەرىجىسىدىن soffice shell قوليازمىسىنى تاپالايسىز، ھۆججەتنىڭ باشلىنىش قىسمىغا "unset SESSION_MANAGER" قوشۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.

دىققەت: OpenOffice.org 1.x ۋە OpenOffice.org 3.2 ئوتتۇرىسىدا چاپلاش تاختىسى ئارقىلىق OpenOffice.org فورماتىدىكى ئۇچۇرنى كۆچۈرۈش ۋە چاپلاش مەشغۇلاتى قىلغاندا مەسىلە كۆرۈلدى. بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەندە «تەھرىر-ئۆزگىچە چاپلا»نى تاللاپ OpenOffice.org دىن باشقا فورماتنى تاللاڭ ياكى OpenOffice.org 3.2 دا بىۋاسىتە ئېچىڭ.

سىستېمىڭىزدا يېتەرلىك ئىشلىتىلىشچان ئەسلەك بوشلۇقى ۋە ۋاقىتلىق مۇندەرىجىدە بوشلۇقى ھەمدە ئوقۇش، يېزىش ۋە ئىجرا قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكىڭىزنى جەزملەڭ. قاچىلاشنى باشلاشتىن ئىلگىرى باشقا بارلىق قوللىنىشچان پروگراممىلارنى يېپىڭ.

تېز كۇنۇپكا

OpenOffice.org دا پەقەت مەشغۇلات سىستېمىسى ئالدىن بېكىتمىگەن تېز كۇنۇپكا (بىرىكمە كۇنۇپكا)نىلا ئىشلىتەلەيدۇ. ئەگەر OpenOffice.org ياردىمىدە بايان قىلىنغان بەزى بىرىكمە كۇنۇپكىلار OpenOffice.org نى ئىشلەتكەندە رولى بولمىسا بۇ تېز كۇنۇپكىلارنى مەشغۇلات سىستېمىسى ئىگىلىگەن ئىگىلىمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈڭ. ئەگەر بۇ توقۇنۇشنى يوقاتماقچى بولسىڭىز مەشغۇلات سىستېمىسىڭىز كۆڭۈلدىكى تېز كۇنۇپكىسىنى ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ. ئۇندىن باشقا، OpenOffice.org دىكى زور كۆپ قىسىم تېز كۇنۇپكىلارنى قايتا تەڭشىسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى OpenOffice.org ياردىمى ياكى مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ياردەم پۈتۈكىدىن كۆرۈپ پايدىلىنىڭ.

كۆپ خىل سۇپىدا كىرگۈزگۈچ ئالماشتۇرغاندا توقۇنۇشتىن بىرى يۈز بەرگەچكە ئاخىرقى ۋاقىتتا تۆۋەندىكى تېز كۇنۇپكىنى ئۆزگەرتىش لازىم.

ھۆججەت قۇلۇپلانغان

كۆڭۈلدىكى تەڭشەك ھالىتىدە، OpenOffice.org نىڭ ھۆججەت قۇلۇپلاش ئىقتىدارى ئوچۇق. بۇ ئىقتىدارنى تاقاشتا مۇۋاپىق مۇھىم ئۆزگەرگۈچى مىقدارىنى تەڭشىشىڭىز لازىم. SAL_ENABLE_FILE_LOCKING=0 ھەمدە SAL_ENABLE_FILE_LOCKING چىقىرىدۇ. soffice قوليازما ھۆججىتىدە ئىزاھات شەكلىدە كۆرۈلۈدىغان ئەركىن ئۆزگەرگۈچى مىقدار تۈرىنى ئىزدەپ تاپالايسىز.

ئاگاھلاندۇرۇش: ئەگەر Linux NFS 2.0 دا بىرلا ۋاقىتتا Solaris 2.5.1 ۋە 2.7 ئىشلەتكەن بولسا ھۆججەت قۇلۇپلاش ئىقتىدارى قوزغىتىلغاندىن كېيىن كاشىلا پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ سىستېما مۇھىتىڭىزدا بۇ پارامېتىرلار بولسا ھۆججەت قۇلۇپلاش ئىقتىدارىنى تاقىۋېتىشىڭىزنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمىز. بولمىسا Linux كومپيۇتېرىنىڭ NFS قاچىلاش مۇندەرىجىسىدىن ھۆججەت ئاچقاندا، OpenOffice.org ئاخىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

قوشۇمچە ئىقتىدارنىڭ مۇھىم ئەسكەرتىشى

OpenOffice.org غا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچە ئىقتىدارغا ئائىت ئۇچۇرنى، كۆرۈڭhttp://www.openoffice.org/access/.

خەتلەش

يۇمشاق دېتال قاچىلىغاندا ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ مەھسۇلاتنى خەتلىتىش جەريانىنى تاماملاڭ. گەرچە خەتلىتىش ئۆز ئىختىيارىچە بولسىمۇ خەتلىتىشىڭىزگە ئىلھام بېرىمىز، چۈنكى بۇ ئۇچۇرلار ئىجتىمائىي رايوندا تېخىمۇ ياخشى يۇمشاق دېتال يۈرۈشىنى ياساشقا ياردەم بېرىپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرىدۇ. OpenOffice.org ئىجتىمائىي رايونى بارلىق ئاماللارنى قوللىنىپ بىخەتەرلىك تاكتىكىسى ئارقىلىق سىزنىڭ شەخسىي سانلىق مەلۇماتلىرىڭىزنى قوغدايدۇ. ئەگەر قاچىلىغاندا خەتلىتىشنى ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولسىڭىز، كېيىن ھەر قانداق ۋاقىتتا ئاساسىي تىزىملىكتىن "ياردەم < خەتلەش" ئارقىلىق خەتلىتەلەيسىز.

ئىشلەتكۈچى تەكشۈرۈش

سىزنىڭ توردىكى «ئىشلەتكۈچى تەكشۈرۈش»نى تولدۇرۇشىڭىزنى ئىلھاملاندۇرىمىز. بۇ «ئىشلەتكۈچى تەكشۈرۈش»نىڭ نەتىجىسى OpenOffice.org كېيىنكى ئەۋلاد ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتالىنىڭ شەكىللىنىشىگە يېڭى ئۆلچەم بېكىتىشتە ياردەم بېرىدۇ.OpenOffice.org ئىجتىمائىي رايونى بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ شەخسىيەت تاكتىكىسى ئارقىلىق شەخسىي سانلىق مەلۇماتلىرىڭىزنى قوغدايدۇ.

ئىشلەتكۈچى قوللاش

ئاساسىي قوللاش بېتىhttp://support.openoffice.org/OpenOffice.org نىڭ ھەرخىل مۇمكىنچىلىكى بولغان ياردەملىرى تەمىنلەندى. سىزنىڭ كاشىلىڭىزغا جاۋاب بېرىلىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن - ئىجتىمائىي رايون مۇنبىرىنى كۆرۈڭ.http://user.services.openoffice.orgياكى 'users@openoffice.org' دىكى ئېلخەت تىزىملىك ئارخىپلىرىنى ئىزدەڭ، ئۇنىڭ ئورنىhttp://www.openoffice.org/mail_list.htmlياكى مەسىلىڭىزنى يوللاڭusers@openoffice.orgبۇ ئېلخەت تىزىملىكى(ئېلخەت ئىنكاسىغا ئېرىشىش ئۈچۈن)گە قانداق مۇشتەرى بولۇشنىڭ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشىنى تۆۋەندىكى بەتتىن زىيارەت قىلىڭ:http://wiki.services.openoffice.org/wiki/Website/Content/help/mailinglists.

شۇنىڭ بىلەن بىللە تۆۋەندىكى ئادرېستىن دائىم كۆرۈلىدىغان مەسلىلەرنىڭ جاۋابىنى كۆرەلەيسىزhttp://wiki.services.openoffice.org/wiki/Documentation/FAQ.

Bugs & Issues دوكلاتى

OpenOffice.org تور بېكىتىدىكى IssueZilla بولسا دوكلات، ئىز قوغلاش ۋە خاتالىق ۋە مەسىلە ھەل قىلىش مىخانىزمى. بىز بۇ خىل ھوقۇقىڭىزغا ئىلھام بېرىمىز ھەمدە سىزنىڭ مۇئەييەن سۇپىدا كۆرۈلگەن مەسىلىنى دوكلات قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز. كۈچلۈك بولغان مەسىلە دوكلاتى ئىشلەتكۈچى ئاممىسىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ۋە ئالغا بېسىۋاتقان ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتالىغا قوشقان مۇھىم تۆھپىلىرىنىڭ بىرىدۇر.

چېتىلىش

سىزنىڭ مەنبە كودى ئاشكارا بولغان بۇ مۇھىم تۈر تەرەققىياتىغا ئاكتىپ قاتنىشىشىڭىز OpenOffice.org ئىجتىمائىي رايونىغا كۆپ ياردىمى بار.

ئىشلەتكۈچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن سىز مەزكۇر يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتنىڭ تەرەققىيات جەريانىدىكى قىممەتكە ئىگە بىر قىسمىغا ئايلاندىڭىز. بىز ناھايىتى خۇشھاللىق بىلەن سىزنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىشىڭىزغا ھەمدە ئىجتىمائىي رايوننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تۆھپىكارى بولۇشىڭىزغا مەدەت بېرىمىز. بىزگە قوشۇلۇپ تۆۋەندىكى بەتنى زىيارەت قىلىڭ:http://www.openoffice.org

باشلاش ئۇسۇلى

توھپە قوشۇشقا باشلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بىر ياكى بىر قانچە ئېلخت تىزىملىكىگە مۇشتەرى بولۇپ، بىر مەزگىل ئېلخەتلەرنى يوشۇرۇن ئوقۇپ ئاندىن بارا-بارا ئېلخەت ئارخىپىنى ئىشلىتىپ 2000- يىلى 10 ئايدا OpenOffice.org نىڭ مەنبە كودىنى تارقاتقاندىن بۇيانقى كۆپ خىل مۇناسىۋەتلىك باش تېما بىلەن تونۇشۇڭ. ئاندىن مۇۋاپىق دەپ قارىغان ۋاقىتتا سىز ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرغان ئېلخەتتىن بىرنى يېزىپ بىزگە قوشۇلسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىز مەنبە كودى ئوچۇق (Open Source) قۇرۇلۇشىغا پىششىق بولسىڭىز، بىزنىڭ To-Do تىزىملىكىمىزنى كۆرۈپ سىز ياردەم قىلالايدىغان نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرۈڭ.http://development.openoffice.org/todo.html.

ئېلخەتكە مۇشتەرى

تۆۋەندىكى تور ئادرېسىدا مۇشتەرى بولۇشقا بولىدىغان تۈرلەرنىڭ ئېلخەت تىزىملىكى بار.http://www.openoffice.org/mail_list.html

بىر ياكى كۆپ قۇرۇلۇشقا قاتنىشىڭ

سىزنىڭ يۇمشاق دېتال لايىھىلەش ۋە كود يېزىش تەجرىبىڭىز يېتەرلىك بولمىسىمۇ مەنبە كودى ئاشكارا بولغان بۇ مۇھىم قۇرۇلۇشقا ئاساسلىق تۆھپە قوشالايسىز، شۇنداق، سىزمۇ تۆھپە قوشالايسىز!

داhttp://projects.openoffice.org/index.htmlبىزنىڭ قۇرۇلۇش دائىرىمىز يەرلىكلەشتۈرۈش، باشقا سۇپىغا يۆتكەش ۋە ھەقىقىي يادرولۇق كود قۇرۇلۇشىغا گۇرۇپپىلاش قاتارلىق. ئەگەر سىز پروگرامما يازغۇچى بولمىسىڭىز ھۆججەت تەھرىرلەش ياكى سودا تۈرىنى سىناپ بېقىڭ. OpenOffice.org سودا تۈرى سەييارە ۋە ئەنئەنىۋى سودا تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ كودى ئاشكارە يۇمشاق دېتالنى كېڭەيتىدۇ، بىز تىل ۋە مەدەنىيەت توسالغۇسىدىن ھالقىپ مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى كېڭەيتىۋاتىمىز، شۇڭلاشقا سىز پەقەت مۇشۇ سۆزلەرنى تارقىتىپ مەزكۇر ئىشخانا يۇمشاق دېتالىنى دوستلىرىڭىزغا بىلدۈرسىڭىز بىزگە ياردەم قىلغان بولىسىز.

بۇ جايدىكى تىجارەت ئالاقىسى ۋە ئۇچۇر تورى ئارقىلىق بىزگە ياردەم قىلالايسىز:http://marketing.openoffice.org/contacts.html بۇ جايدا سىز تۇرۇشلۇق دۆلەت، رايون، يەرلىك ئىجتىمائىي رايوننىڭ نەشرىياتى، تاراتقۇ، ھۆكۈمەت ئورگىنى، ۋاكالەتچى، مەكتەپ، Linux ئىشلەتكۈچى گۇرۇپپىسى ۋە پروگرامما يازغۇچىلارنىڭ ئالاقىلىشىش مۇھىم نۇقتىلىرىنى تەمىنلىيەلەيسىز.

سىزنىڭ يېڭى OpenOffice.org 3.2 نى خۇشھال ئىشلىتىشىڭىزنى ، توردا سېپىمىزگە قوشۇلۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

OpenOffice.org ئىجتىمائى رايونى

ئىشلەتكەن/ئۆزگەرتكەن مەنبە كودى

قىسمەن نەشر ھوقۇقىغا ئىگە 1998، نەشر ھوقۇقىغا ئىگە 1999 James Clark. قىسمەن نەشر ھوقۇقىغا ئىگە 1996، نەشر ھوقۇقىغا ئىگە Netscape ئالاقە شىركىتى.